مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش


تە‌لىم بە‌رگۈچى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ھە‌ققىدە بىلىم ئاشۇ‌رۇ‌ش

‏«مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏»‏

مۇ‌شۇ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ھە‌ققىدە بىلىم ئاشۇ‌رۇ‌ش دە‌رسلىكى ياردىمىدە،‏ تۆۋە‌ندىكى مۇ‌ھىم سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى تاپالايسىز:‏

  • بە‌ختلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرە‌ك؟‏

  • يامانلىق ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر قاچان تۈگە‌يدۇ؟‏

  • ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىمنى قايتا كۆرە‌لە‌يمە‌نمۇ؟‏

  • ياراتقۇ‌چى ماڭا ھە‌قىقە‌تە‌ن غە‌مخورلۇ‌ق قىلامدۇ؟‏

  • خۇ‌دا دۇ‌ئالىرىمنى ئاڭلىشى ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا قانداق دۇ‌ئا قىلىشىم كېرە‌ك؟‏

ھە‌قسىز

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىلىم ئاشۇ‌رۇ‌ش ھە‌قسىز.‏ «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» كىتابى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىمۇ ھە‌قسىز ئالالايسىز.‏

قولايلىق

تە‌لىم بە‌رگۈچى بىلە‌ن سىزگە قولايلىق ۋاقىت ۋە جايدا يۈزمۇ-‏يۈز ياكى توردا،‏ تېلېفون بىلە‌ن كۆرۈشسىڭىز بولىدۇ.‏

ئىختىيارىي

خالىغان ۋاقىتتا ئۆگىنىشنى توختىتالايسىز.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش دە‌رسلىكىنى قانداق ئۆگىنىمىز؟‏

تە‌لىم بە‌رگۈچى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ماۋزۇ‌لار بويىچە ئۆگىنىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» دېگە‌ن كىتابنىڭ ياردىمىدە،‏ قە‌دە‌ممۇ-‏قە‌دە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نېمىلە‌رنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى ۋە شۇ بىلىملە‌رنىڭ سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلە‌لە‌يسىز.‏ كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن مونۇ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى بۇ دە‌رسلىككە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك «‏كۆپچىلىكنى قىزىقتۇ‌رىدىغان سوئاللار‏»نىڭ جاۋابلىرىنى تېپىڭ.‏

دە‌رسلىكنى قانداق ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ بېقىشنى خالامسىز؟‏

دە‌سلە‌پكى بىرقانچە دە‌رسلە‌رنىڭ مە‌زمۇ‌نى بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌پ بېقىڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى خالامسىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىلىم ئېلىشنى باشلاش ئۈچۈن «سىناپ كۆرە‌ي» دېگە‌ن يە‌رنى بېسىڭ.‏