مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

سپىرتلىق ئىچىملىككە تېگىشلىك مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قۆ‌زقارىشى قانداق؟‏ ئىچىملىك ئىچىش گۇ‌ناغا ياتامدۇ؟‏

سپىرتلىق ئىچىملىككە تېگىشلىك مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قۆ‌زقارىشى قانداق؟‏ ئىچىملىك ئىچىش گۇ‌ناغا ياتامدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟‏

ئىچىملىكنى مۆ‌لچە‌رلىك ھالدا ئىچىش گۇ‌ناغا ياتمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شاراپنى ھاياتىمىزنى كۆ‌ڭۈ‌للۈ‌ك قىلىدىغان خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن سوۋغات دە‌پ تە‌سۋىرلە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 104:‏14،‏ 15؛‏ ۋە‌ز 3:‏13؛‏ 9:‏7‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا شاراپنىڭ داۋالاش ئۈ‌چۈ‌ن پايدىسى بار ئىكە‌نلىكى ئېيتىلىدۇ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 5:‏23‏)‏.‏

ە‌يسا يە‌ردە بولغاندا شاراپتىن باش تارتمىغان (‏مە‌تتا 26:‏29؛‏ لۇ‌قا 7:‏34‏)‏.‏ ئۇ بىر تويدا مۆ‌جۈ‌زە‌ۋىي ھالدا سۇ‌نى شاراپقا ئايلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ مە‌رتلىك بىلە‌ن ئىككى ياشقا سوۋغات قىلغان (‏يوھان 2:‏1—‏10‏)‏.‏

ھە‌ددىدىن تاشقىرى كۆ‌پ ئىچىشنىڭ خە‌ۋپى

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا شاراپنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرى تىلغا ئېلىنسىمۇ،‏ ھە‌ددىدىن تاشقىرى كۆ‌پ ئىچىش ۋە ھاراقكە‌شلىك ئە‌يىبلىنىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈ‌چۈ‌ن،‏ مە‌سىھىيلە‌ر سپىرتلىق ئىچىملىكلە‌رنى پە‌قە‌ت مۆ‌لچە‌رلىك ھالدا ئىچىشى كېرە‌ك (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 3:‏8؛‏ تىتقا 2:‏2،‏ 3‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌ددىدىن تاشقىرى كۆ‌پ ئىچىشتىن نېمىشقا نېرى بولۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنىڭ بىرنە‌چچە سە‌ۋە‌بى كە‌لتۈ‌رۈ‌لگە‌ن.‏

  • ھە‌ددىدىن تاشقىرى كۆ‌پ ئىچىش ئويلاش قابىلىيىتىمىزگە يامان تە‌سىر قىلىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏29—‏35‏)‏.‏ مە‌س ئادە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «ئە‌قىلنى ئىشلە‌تكە‌چ مۇ‌قە‌ددە‌س خىزمە‌تنى ئاتقۇ‌رۇ‌ش ئۈ‌چۈ‌ن،‏ تېنىڭلارنى رە‌ببىمىزگە ياقىدىغان تىرىك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س قۇ‌ربانلىققا بېرىۋېتىڭلار» دېگە‌ن ئە‌مىرنى ئورۇ‌نلالمايدۇ (‏رىملىقلارغا 12:‏1‏)‏.‏

  • ھە‌ددىدىن تاشقىرى كۆ‌پ ئىچكە‌ن ئادە‌م چە‌كتىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئە‌قىل-‏زېھنىنى يوقىتىۋېتىدۇ،‏ يە‌نى ياخشى نىيىتىدىن ئايرىلىدۇ (‏ھوشىيا 4:‏11؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏18‏)‏.‏

  • بۇ كە‌مبە‌غە‌للىككە ئېلىپ كېلىدۇ ۋە سالامە‌تلىككە يامان تە‌سىر قىلىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏21،‏ 31،‏ 32‏)‏.‏

  • خۇ‌دا شاراپخورلۇ‌ق ۋە ھاراقكە‌شلىكتىن نە‌پرە‌تلىنىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏20؛‏ گالاتىلىقلارغا 5:‏19—‏21‏)‏.‏

ھە‌ددىدىن تاشقىرى كۆ‌پ ئىچىش نېمىنى بىلدۈ‌رىدۇ؟‏

ھە‌ددىدىن تاشقىرى ئىچكە‌ن ئادە‌م ئۆ‌زىگە ھە‌م باشقىلارغا زىيان كە‌لتۈ‌رۈ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھاراقكە‌ش دە‌پ پە‌قە‌ت ھوشىدىن كە‌تكىچە ئىچكە‌ن ئادە‌م ئاتالمايدۇ.‏ مە‌س ئادە‌م نېمە بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى چۈ‌شە‌نمە‌يدۇ،‏ پۇ‌تىدا تۇ‌رالماي،‏ جېدە‌لگە ئاران تۇ‌رىدۇ ۋە قالايمىقان سۆ‌زلە‌يدۇ (‏ئايۇ‌پ 12:‏25؛‏ زە‌بۇ‌ر 107:‏27؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏29،‏ 30،‏ 33‏)‏.‏ ھە‌تتا مە‌س بولۇ‌شتىن نېرى تۇ‌رغان ئادە‌ملە‌ر ناھايىتى كۆ‌پ ئىچىپ،‏ بۇ‌نىڭ ئاچچىق ئاقىۋېتىنى كۆ‌رۈ‌شى مۇ‌مكىن (‏لۇ‌قا 21:‏34،‏ 35‏)‏.‏

ئىچىملىك ئىچىشنى تامامە‌ن رە‌ت قىلىش

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مە‌سىھىيلە‌رنىڭ قايسى ۋە‌زىيە‌تتە ئىچىملىك ئىچىشتىن تامامە‌ن ۋاز كېچىشى كېرە‌كلىكىنى چۈ‌شە‌ندۈ‌رىدۇ:‏

  • ئە‌گە‌ر باشقىلار ئۈ‌چۈ‌ن پۇ‌تلىكاشاڭ بولسا (‏رىملىقلارغا 14:‏21‏)‏.‏

  • ئە‌گە‌ر سپىرتلىق ئىچىملىك ئىچىش قانۇ‌نغا خىلاپ بولسا (‏رىملىقلارغا 13:‏1‏)‏.‏

  • ئە‌گە‌ر ئادە‌م ئۆ‌زىنى تۇ‌تالمايدىغان بولسا،‏ ئىچىملىك ئىچىشتىن باش تارتىشى كېرە‌ك.‏ ھاراقكە‌شلىك بىلە‌ن كۈ‌رىشىۋاتقان ۋە ھە‌ددىدىن تاشقىرى كۆ‌پ ئىچىدىغان ئادە‌ملە‌ر بۇ يامان ئادىتىدىن ئايرىلىش ئۈ‌چۈ‌ن كە‌سكىن ھە‌رىكە‌ت قىلىشى كېرە‌ك (‏مە‌تتا 5:‏29،‏ 30‏)‏.‏