خۇدا مېنىڭدىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا نېمە ئېيتىلىدۇ؟
خۇدا سىزنىڭ ئۇنى يېقىنىراق تونۇپ-بىلىپ، يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىڭىزنى، ئۇنى ياخشى كۆرۈشىڭىزنى ۋە پۈتۈن قەلبىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىڭىزنى خالايدۇ (مەتتا 22:37، 38؛ ياقۇپ 4:8). خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ياكى تەلىۋىنى ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىدىن ۋە ئۇنىڭ تەلىملىرىدىن بىلىشكە بولىدۇ (يوھان 7:16، 17). ئەيسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئىرادىسى ھەققىدە ئېيتىپلا قويماي، ئۆزى ئۇنى ئورۇنلىغان. ئۇ ھەتتا ھاياتىدىكى مەقسىتى ھەققىدە: «مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاسماندىن چۈشتۈم»،— دەپ ئېيتقان (يوھان 6:38).
خۇدا مېنىڭدىن نېمىنى كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ماڭا ئالاھىدە بىر بەلگۈ، ۋەھىي ياكى مۆجۈزە بېرىدۇ دەپ كۈتۈشۈم كېرەكمۇ؟
ياق، سەۋەبى خۇدا ھەممە ئادەملەردىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى مۇقەددەس كىتابتا يېزىپ قويغان. بۇ خەۋەر «ھەرقانداق ياخشى ئىشقا تولۇقى بىلەن تەييار بولۇشقا» ياردەم بېرىدۇ (تىموتىيغا 2-خەت 3:16، 17). شۇڭا خۇدا سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشىڭىزنى ۋە ئەقلىڭىزنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشىڭىزنى خالايدۇ (رىملىقلارغا 12:1، 2؛ ئەفەسلىكلەرگە 5:17).
مەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ھەقىقەتەن ئورۇنلالايمەنمۇ؟
ھە، ئەلۋەتتە! چۈنكى مۇقەددەس كىتابتا: «ئۇنىڭ ئەمىرلىرى ئېغىر ئەمەس»،— دەپ يېزىلغان (يوھاننىڭ 1-خېتى 5:3). بۇ خۇدانىڭ ئەمىرلىرىنى ئورۇنلاش ھەرقاچان ئاسان بولىدۇ دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. بىراق بۇنىڭ پايدىسى چىقارغان كۈچىڭىزدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئەيسانىڭ ئۆزى مۇنداق دەپ ئېيتتى: «تەڭرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغانلار بەختلىكتۇر!» (لۇقا 11:28).