مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدا ئاياللار ۋە‌ز قىلامدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدا ئاياللار ۋە‌ز قىلامدۇ؟‏

 ھە‌ئە.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ھە‌ممىسى،‏ ئۇ‌نىڭ ئىچىدە بىر نە‌چچە مىليون ئاياللار ھە‌م ۋە‌ز قىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا ئالدىن-‏ئالا:‏ «ئۇ‌نى [خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى] جار قىلغۇ‌چى قىز-‏ئاياللار نېمە دېگە‌ن زور بىر قوشۇ‌ندۇ‌ر»،‏ دە‌پ يېزىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 68:‏11‏)‏‏.‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئارىسىدىكى ئايال ئېتىقادچىلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئاياللارنىڭ ئۈلگىلىرىگە ئە‌گىشىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏10—‏31‏)‏.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار جامائە‌تتە يېتە‌كچىلىك قىلىشنى قولغا ئالمىسىمۇ،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تكە پائال قاتنىشىدۇ.‏ بالىلىرىغىمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى ئۆگىتىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏8‏)‏.‏ گۇ‌ۋاھچى ئاياللار گە‌پ-‏سۆزلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە ئۈلگە بولۇ‌ش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ (‏تىتۇ‌سقا 2:‏3—‏5‏)‏.‏