مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىلىم-‏پە‌نگە قانداق قارايدۇ؟‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىلىم-‏پە‌نگە قانداق قارايدۇ؟‏

 بىز ئىلىم-‏پە‌ن تە‌تقىقاتىدا ئېرىشكە‌ن نە‌تىجىلە‌رنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز ۋە دە‌للىل-‏ئىسپاتلارغا ئاساسلانغان ئىلمىي بايقاشلارغا ئىشىنىمىز.‏

 ‏«ئىلىم-‏پە‌ن —‏ تە‌بىئە‌ت دۇ‌نياسىنى ھە‌م جانلىقلارغا خاس ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىش ۋە شۇ ھە‌ققىدە توپلانغان بىلىم» (‏Collins Cobuild Advanced Learner’s Engilsh Dictionary‏)‏.‏ گە‌رچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىلم-‏پە‌ن تە‌تقىقاتى ھە‌ققىدىكى كىتاب بولمىسىمۇ،‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنى تە‌بىئە‌ت دۇ‌نياسىنى تە‌تقىق قىلىش ھە‌مدە باشقىلارنىڭ ئىلمىي بايقاشلىرىدىن پايدىلىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ بىرنە‌چچە مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى:‏

  •   ئاسترونومىيە:‏ «سىلە‌ر ئاسمانغا قاراڭلار،‏ بۇ مە‌ۋجۇ‌داتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟‏ كىم بارلىق يۇ‌لتۇ‌زلارنى ئىسىمى بىلە‌ن چاقىرىپ،‏ ئۇ‌لارنى بىر-‏بىرلە‌پ يېتە‌كلە‌پ چىققاندۇ؟‏» (‏يە‌شايا 40:‏26‏)‏.‏

  •   بىئولوگىيە:‏ «ئۇ ھە‌رخىل دە‌ل-‏دە‌رخلە‌ر،‏ لىۋان تاغلىرىدا ئۆسىدىغان كېدىر دەىخىدىن تارتىپ،‏ تامدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان لېپە‌كگۈلىگىچە سۆزلە‌پ ئۆتكە‌ن.‏ ھايۋاناتلار،‏ ئۇ‌چار قاناتلار،‏ ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە بېلىقلار ئۈستىدىمۇ توختالغان» (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 4:‏33‏)‏.‏

  •   تىبابە‌ت:‏ «ساغلام ئادە‌م ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى كېسە‌ل ئادە‌م تېۋىپقا موھتاجدۇ‌ر» (‏لۇ‌قا 5:‏31‏)‏.‏

  •   مېتېئورولوگىيە:‏ «قار ئامبارلىرىغا كىرىپ باققانمىدىڭ،‏ ياكى مۆلدۈر ئامبارلىرىنى كۆرگە‌نمىدىڭ؟‏ .‏.‏.‏ شە‌رق شامىلى قايسى تە‌رە‌پتىن زېمىنغا ئۇ‌رۇ‌لدى؟‏ شە‌رق شامىلىنىڭ چىقدىغان جايى قە‌يە‌ردە؟‏» (‏ئايۇ‌پ 38:‏22—‏24‏)‏.‏

 بىزنىڭ ماتېرىياللىرىمىزدا،‏ تە‌بىئە‌ت ۋە ئىلىم-‏پە‌ننىڭ تە‌رە‌ققىياتلىرى ھە‌ققىدە ماقالىلە‌ر نە‌شىر قىلىنىدۇ.‏ بۇ ئىلىم-‏پە‌نگە بولغان ھۆرمىتىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۆز بالىلىرىنى ئە‌تراپتىكى دۇ‌نيانى چۈشىنىش ئۈچۈن تە‌بىئە‌ت ھە‌ققىدە بىلىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ بە‌زى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىلىم-‏پە‌ننىڭ بىئوخىمىيە‏،‏ ماتېماتىكا‏،‏ فىزىكىغا ئوخشاش ساھە‌لىرىدە ئىشلە‌يدۇ.‏

ئىلىم-‏پە‌ن ھە‌ممە سوئاللارغا جاۋاب بېرە‌لە‌مدۇ؟‏

 ئىلىم-‏پە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممە سوئاللىرىغا جاۋاب بېرە‌لە‌يدۇ،‏ دە‌پ قارىمايمىز.‏ a مە‌سىلە‌ن،‏ گېئولوگىيە ئالىملىرى يە‌رنىڭ گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش تە‌ركىۋىنى ئانالېز قىلىدۇ،‏ بىئولوگىيە ئالىملىرى بولسا،‏ ئادە‌منىڭ بە‌دىنى قانداق ئىشلە‌يدىغانلىقىنى تە‌تقىق قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ يە‌ر شارى نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە چىرايلىق يارىتىلغان ۋە بە‌دىنىمىزدىكى ئە‌زالار نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە ماسلىشىپ ئىشلە‌يدۇ؟‏ ئىلىم-‏پە‌ن بۇ‌نى چۈشە‌ندۈرە‌لمە‌يدۇ.‏

 شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ مۇ‌نداق سوئاللارغا قانائە‌تلە‌ندۈرىدىغان جاۋابلارنى پە‌قە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بېرە‌لە‌يدۇ،‏ دېگە‌ن خۇ‌لاسىگە كېلىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 139:‏13—‏16؛‏ يە‌شايا 45:‏18‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ياخشى تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئېلىش ئۈچۈن ئىلىم-‏پە‌ن ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ر ئىككىسىنى تە‌تقىق قىلىش كېرە‌ك.‏

 بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ ئىلىم-‏پە‌ن بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىر-‏بىرىگە ماس كە‌لمە‌يدىغان كۆرۈنۈشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر،‏ ئادە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نېمىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى توغرا چۈشە‌نمىگە‌ن بولسا،‏ شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىرلە‌ر پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌ر ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە ئالتە كۈن ئىچىدە يارىتىلغان،‏ دە‌پ ئۆگە‌تمە‌يدۇ (‏يارىتىلىش 1:‏1؛‏ 2:‏4‏)‏.‏

 بە‌زى ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر ئالىملار،‏ كە‌ڭ تارقالغان بە‌زىبىر نە‌زە‌رىيە‌لە‌رنى تولۇ‌ق دە‌لىللە‌نمىگە‌ن،‏ دە‌پ قاراپ،‏ ئۇ‌لارنى رە‌ت قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۆپلىگە‌ن بىئولوگىيە،‏ خىمىيە ئالىملىرى ۋە باشقا تە‌تقىقاتچىلار تىرىك جانلىقلار تاسادىپىي ئۆزگۈرۈش ياكى تە‌بىئىي تاللاش ئارقىلىق تە‌درىجىي تە‌رە‌قىقىي قىلمىغان،‏ دە‌پ يە‌كۈنلىگە‌ن.‏ تە‌بىئە‌ت دۇ‌نياسى ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت بىلە‌ن يارىتىلغاچقا،‏ بىز شۇ تە‌تقىقاتچىلارنىڭ چىقارغان شۇ‌نداق خۇ‌لاسىگە قوشۇ‌لىمىز.‏

a ئاۋسترىيىلىك فىزىكا ئالىمى ۋە نوبېل مۇ‌كاپىتىغا ئېرىشكە‌ن ئېرۋىن شرېدىنگېر مۇ‌نداق ئېيتقان:‏ «ئىلىم-‏پە‌ن بىزنىڭ يۈرىكىمىزگە يېقىن نە‌رسىلە‌ر ۋە بىز ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن مۇ‌ھىم نە‌رسىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ھېچنە‌رسە ئېيتالمايدۇ».‏ ئالبېرت ئېنىشتېين مۇ‌نداق دە‌پ قوشتى:‏ «پە‌قە‌ت ئە‌قلىمىزنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئادە‌مزاتنىڭ ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھە‌ل قىلىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س ئىكە‌نلىكىنى ئۆز تە‌جرىبىمىزدىن كۆردۇ‌ق».‏