مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تۇ‌غۇ‌لغان كۈنلە‌رنى ئۆتكۈزمە‌يدۇ؟‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تۇ‌غۇ‌لغان كۈنلە‌رنى ئۆتكۈزمە‌يدۇ؟‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تۇ‌غۇ‌لغان كۈنلە‌رنى ئۆتكۈزمە‌يدىغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى —‏ خۇ‌دا شۇ‌نداق تە‌برىكلە‌شلە‌ردىن خۇ‌رسە‌ن بولمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تۇ‌غۇ‌لغان كۈننى ئۆتكۈزمە‌ڭلار،‏ دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌ق بېرىلمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئ شۇ تە‌برىكلە‌شنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە تە‌پە‌ككۈر يۈرگۈزۈپ،‏ خۇ‌دانىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنگە بولغان كۆزقارىشىنى چۈشىنە‌لە‌يمىز.‏ مۇ‌شۇ مە‌سىلە بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك تۆت ئالاھىدىلىكنى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

  1.   تۇ‌غۇ‌لغان كۈننى تە‌برىكلە‌ش بۇ‌تپە‌رە‌سلىككە ئاساسلانغان.‏ بىر كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ بۇ ئۆرپ-‏ئادە‌ت ئادە‌منىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىدە «يامان روھلار بىلە‌ن كۈچلە‌ر ئۇ‌نىڭغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىشى مۇ‌مكىن»،‏ ئە‌مما «ئۇ‌نىڭ دوستلىرى بىللە بولسا ۋە ئۇ‌لارنىڭ ياخشى تىلە‌كلىرى ئۇ كىشىنى قوغدايدۇ» دېگە‌ن ئىشە‌نچىگە ئاساسلانغان (‏Funk & Wagnalls Standard Dictionary of Folklore, Mythology, and Legend‏)‏.‏ باشقا بىر كىتابتا ئېيتىلىشىچە،‏ «قە‌دىمقىي زامانلاردا تۇ‌غۇ‌لغان كۈنلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق خاتىرىنىڭ يېزىلىپ قويۇ‌لۇ‌شى بە‌ك مۇ‌ھىم بولغان،‏ سە‌ۋە‌بى تۇ‌غۇ‌لغان كۈننىڭ ئاساسىدا يۇ‌لتۇ‌زلارغا قاراپ پال ئېچىلاتتى».‏ بۇ بولسا،‏ مۇ‌نە‌ججىملە‌رنىڭ تە‌سە‌ۋۋۇ‌پچىلىق ئىلىمىنىڭ بىر قىسمى بولغان (‏The Lore of Birthdays‏)‏.‏ ئۇ كىتابتا يە‌نە:‏ «خە‌لق ئارىسىدىكى ئۆرپ-‏ئادە‌ت بويىچە،‏ تۇ‌غۇ‌لغان كۈندە يېقىلىدىغان شاملار تىلە‌كلە‌رنى ئورۇ‌نلايدىغان سېھرىي كۈچكە ئىگە»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏

     لېكىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا سېھىرگە‌رلىك،‏ پال ئېچىش،‏ جىنكە‌شلىك ۋە «شۇ‌نىڭدە‌ك ئىشلار» ئە‌يىبلىنىدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 18:‏14؛‏ گالاتىلىقلارغا 5:‏19—‏21‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ قە‌دىمقى بابىل شە‌ھىرىنى ئە‌يىبلىشىنىڭ سە‌ۋە‌بلىرىنىڭ بىرى —‏ ئۇ‌نىڭ تۇ‌رغۇ‌نلىرى پال ئېچىشنىڭ بىر تۈرى بولغان مۇ‌نە‌ججىملىك بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغان (‏يە‌شايا 47:‏11—‏15‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌ر بىر ئە‌نئە‌نىنىڭ ياكى ئۆرپ-‏ئادە‌تنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تە‌پسىلىي تە‌كشۈرۈشكە تىرىشمايدۇ،‏ بىراق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ مە‌لۇ‌م مە‌سىلىگە بولغان كۆزقارشى ئېنىق ئىپادىلە‌نگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا بېپە‌رۋالىق قىلمايدۇ.‏

  2.   دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گشكۈچىلىرى تۇ‌غۇ‌لغان كۈنلە‌رنى ئۆتكۈزمىگە‌ن.‏ «دۇ‌نيا كىتاب قامۇ‌سىدا»،‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى «ھە‌رقانداق ئادە‌منىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىنى تە‌برىكلە‌شنى غە‌يرى ئىلاھلارغا چوقۇ‌نۇ‌ش ئۆرپ-‏ئادىتى» دە‌پ قارىغانلىقى يېزىلغان.‏ مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ ئە‌لچىلىرى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌لىمىنى قوبۇ‌ل قىلغان ئادە‌ملە‌ر كېيىنكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ئۇ‌لاردىن ئۈلگە ئېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏سالونىكىلىقلارغا 2-‏خە‌ت 3:‏6‏)‏.‏

  3.   مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى خاتىرىلە‌ش كېرە‌ك بولغان بىردىن-‏بىر كۈن —‏تۇ‌غۇ‌لغان كۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۆلگە‌ن كۈنى (‏لۇ‌قا 22:‏17—‏20‏)‏.‏ بۇ ئە‌جە‌پلىنە‌رلىك ئىش ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «ئادە‌منىڭ ئۆلۈش كۈنى تۇ‌غۇ‌لۇ‌ش كۈنىدىن ئە‌ۋزە‌لدۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ۋە‌ز 7:‏1‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خۇ‌داغا سادىق بولغان،‏ شۇ‌ڭا ئۇ ئۆلگە‌ندە ياخشى نامى قالغان.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ ئۆلگە‌ن كۈنىنىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىدىن مۇ‌ھىمراق ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن ئىدى (‏ئىبرانىيلارغا 1:‏4‏)‏.‏

  4.   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى ئىچىدە كىمدۇ بىرسىنىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىنى ئۆتكۈزگە‌نلىكى ئېيتىلمىغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلمىغان ئادە‌ملە‌ر ئۆتكۈزگە‌ن تۇ‌غۇ‌لغان كۈن ھە‌ققىدە ئىككى بايانلار بار.‏ ھە‌ر ئىككى تۇ‌غۇ‌لغان كۈندە،‏ پاجىئە‌لىك ئىشلارنىڭ يۈز بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرە‌لە‌يمىز (‏يارىتىلىش 40:‏20—‏22؛‏ مارك 6:‏21—‏29‏)‏.‏

تۇ‌غۇ‌لغان كۈنلە‌رنى ئۆتكۈزمىگە‌چكە،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بالىلىرى ئۆزلىرىنى بىر نە‌رسىدىن قۇ‌رۇ‌ق قالغاندە‌ك ھېس قىلامدۇ؟‏

 ھە‌رقانداق مېھرىبان ئاتا-‏ئانىغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىمۇ بالىلىرىغا دائىم مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىپ تۇ‌رىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار بالىلىرىغا سوغاتلارنى بېرىدۇ ۋە شاد-‏خۇ‌رام دوستلار ئولتۇ‌رۇ‌شلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.‏ ئاتا-‏ئانىلار ھە‌رقانداق ۋاقىتتا ياخشى نە‌رسىلە‌رنى بېرىدىغان خۇ‌دانى ئۈلگە قىلىدۇ (‏مە‌تتا 7:‏11‏)‏.‏ تۆۋە‌ندە ئېيتىلغان ئوي-‏پىكىرلە‌ردىن كۆرۈنۈپ تۇ‌رىدىكى،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بالىلىرى ئۆزلىرىنى بىر نە‌رسىدىن قۇ‌رۇ‌ق قالغاندە‌ك ھېس قىلمايدۇ.‏

  •   «كۈتۈلمىگە‌ن ۋاقىتتا سوغات ئېلىش كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلىدۇ» (‏تاممىي،‏ 12 ياش)‏.‏

  •   «تۇ‌غۇ‌لغان كۈنۈمدە سوغاتلارنى قىلمىسىمۇ،‏ ئاتا-‏ئانام ماڭا باشقا كۈنلىرى سوغاتلارنى بېرىدۇ» (‏گرېگورى،‏ 11 ياش)‏.‏

  •   «تورت يە‌پ،‏ ناخشا ئېيتىش ۋە بىر دە‌مدە ئاخىرلىشىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ھېچنېمە ئە‌مە‌س!‏ بىزنىڭ ئۆيگە كېلىڭلار،‏ ھە‌قىقىي كۆڭۈل كۆتۈرۈش قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىسىلە‌ر!‏» (‏ئېرىك،‏ 6 ياش)‏.‏