بىر ئادەم يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتەلەمدۇ؟
ھەئە. بىر ئادەم تەشكىلاتىمىزدىن ئىككى يول بىلەن چىقىپ كېتەلەيدۇ:
رەسمىي تۈردە تەلەپ خېتى يېزىش ئارقىلىق. ئادەم ئېغىزچە ياكى يېزىقچە ئۆزىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلسا بولىدۇ.
ئىش-ھەرىكەت ئارقىلىق. ئادەم ئۆزىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى قىلسا بولىدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:9). مەسىلەن، ئۇ باشقا دىنغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئەزاسى بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن (يۇھاننانىڭ 1-خېتى 2:19).
ئەگەر بىر ئادەم ۋەز قىلمىسا ياكى يىغىلىشىڭلارغا كەلمەيدىغان بولسا، شۇ ئادەمنى يەھۋا گۇۋاھچى بولۇشىدىن ۋاز كەچتى، دەپ ھېسابلامسىلەر؟
ياق، ئۇنداق ھېسابلىمايمىز. باش تارتىش ياكى ۋاز كېچىش بىلەن ئېتىقادتا ئاجىزلىشىپ كېتىش — ئىككى تۈرلۈك نەرسە. ئادەتتە پائال ئەمەس يەنى ۋەز قىلمايدىغان ئېتىقادچىلار ۋە يىغىلىشلارغا كەلمەيدىغانلار ئېتىقادىدىن ۋاز كەچمىگەن، چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ كەتكەن، خالاس. ئۆزۈمىزنى شۇنداق ئادەملەردىن قاچۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرۈشكە ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە تىرىشىمىز (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 5:14؛ يەھۇدا 22). ئەگەر ئادەم ياردەمنى قوبۇل قىلىشنى خالىسا، جامائەت ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا روھىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە ھەرقاچان تەييار (گالاتىلىقلارغا 6:1؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:1—3).
ئەمما، ئاقساقاللارنىڭ بىر ئادەمنى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇپ قېلىشقا مەجبۇرلاش ياكى بېسىم قىلىش ھوقۇقى يوق. قانداق دىندا بولۇشنى تاللاشنى ھەربىر ئادەم ئۆزى شەخسەن قارار قىلىدۇ (يەشۇئا 24:15). كىشى خۇداغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ۋە چىن قەلبىدىن ئىبادەت قىلىش كېرەك، دەپ قارايمىز (زەبۇر 110:3؛ مەتتا 22:37).